تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىغا بەش مىڭغا يېقىن يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنماقچى

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بولغان «تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى» 2019-يىلى پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدىن بەش مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئۈچ مىڭدىن كۆپرەكى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئىكەن.

«بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «گېنېرال ۋاڭ جېن ئوقۇش مۇكاپاتى» قاتارلىق تۈرلۈك ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى تەسىس قىلغان. 1949‏-يىلى خىتاي ئارميەسىنى باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەن ۋاڭ جېننى بولسا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «ئىككى قولى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان جاللات» دەپ دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆپلەپ ئىشسىز يۈرۈۋاتقان ئەھۋالدا بىڭتۇەننى ئاساس قىلغان تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىچكىرىدىن نەچچە مىڭلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە پىكىر قىلغان د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كادىرلار قوشۇنىنى كۆپەيتىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنىڭ بىر ئىپادىسى» دېدى.