«تەڭرى تاغ» تورى ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان تارىخىي يادىكارلىقلارنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «قانداشلىق بېغى» غا باغلىدى

خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا باشلىغان ئۇيغۇر تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنى قايتا چۈشەندۈرۈشتە رايوندىن قېزىۋېلىنغان تارىخىي يادىكارلىقلارنى خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «قانداشلىق بېغى» نىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگو 2018-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، ئارخېئولوگلاردىن ھەرقانداق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلما «شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا خىزمەت قىلىشى» نى تەلەپ قىلغاندىن بېرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا قايتا باھا بېرىشتە ئەڭ رادىكال ئىپادىلەرنى قوللىنىشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر رايونىدا 2016-يىلدىن 2021-يىلى 12-ئايغىچە ھوقۇق تۇتقان چېن چۈەنگو، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ باش ئىجراچىسى، دەپ ئەيىبلىنىپلا قالماي، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشتىمۇ ھالقىلىق رول ئوينىغان شەخس، دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت نەشىر ئەپكارى بولغان «تەڭرى تاغ» تورى يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى تەھرىرات ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىدىن تېپىلغان «تارىخىي يادىكارلىقلار بىر بىرلەپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زىچ باغلانغان قانداشلىق بېغىغا شاھىتلىق قىلماقتا» دەپ كۆرسىتىلگەن. تەھرىرات ماقالىسىدە تەكىتلىنىشىچە، رايوندىن تېپىلغان «ھەر بىر مەدەنىيەت خەزىنىسى خىتاي مەدەنىيەت ئامبىرىدا پارلىماقتا»، «خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ كەڭ ۋە بۈيۈكلۈكىنى دۇنياغا تونۇتماقتا» ئىكەن.

ماقالىدا، نىلقىنىڭ بۇلغۇنتاي جىلغىسىدىكى بۇنىڭدىن 3500 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بىر قەدىمى ئىزدىن تېپىلغان ياغاچ ھارۋا، تۇرپان ياڭخىدىن تېپىلغان ئۈزۈم تېلى، يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ ياتقان قەدىمكى يادىكارلىقلار «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخىي ۋە پارلاق مەدەنىيىتىنى ئىلگىرىلەپ تونۇشقا ياردەم بېرىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىدىغانلىقى» كۆرسىتىدىكەن. ماقالىدە يەنە مەزكۇر يادىكارلىقلارنىڭ «بۇرۇنقى سۇلالىلەر دەۋرىدىكى مەركىزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا قايتا چۈشەنچە بېرىشى، ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتا لايىھەلەش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.