خىتاي سىچۈەندىن تىبەت ئارقىلىق قاغىلىققا تۇتۇشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنى باشلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.10.23

خىتاي دائىرىلىرى غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يائەن شەھىرىدىن تىبەتنىڭ بۇتان، نېپال، ھىندىستان چېگراسىغا يېقىن رايونلىرىنى بويلاپ ئاخىرقى نۇقتىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىگە بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر تاش يول قۇرۇلۇشىنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق گەنزى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كاڭدېڭ شەھىرىدىكى بۆلىكى ياسالماقتا ئىكەن. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە، گەنزى ئوبلاستىنىڭ كاڭدىڭ شەھىرى تەۋەسىدىكى «باۋماشەن-1 نومۇرلۇق» تونېلنىڭ قۇرۇلۇشى رەسمىي پۈتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 2024-يىلدىن باشلاپ رەسمىي قاتناش يولغا قويۇلىدىغان بۇ تونېلنىڭ پۈتۈش مۇناسىۋىتى بىلەن 22-ئۆكتەبىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يائەن-قاغىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، خىتاينىڭ شاڭخەي-چېڭدۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ داۋامى بولۇپ، بۇ تاشيول سىچۈەن يائەندىن باشلىنىپ، تىبەتنىڭ لاسا، رىگازې، ئالىي رايونلىرىدىن ئۆتۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىگە تۇتۇشىدىكەن. مەزكۇر قوش لىنىيەلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ھىندىستان چېگراسىنى بويلاپ مېڭىشى، ئۇنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىنىڭ بۇتان، نېپال ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى ھىندىستان بىلەن تالاش-تارتىشتىكى چېگرالارغا يېقىن جايلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈشى دىققەت قوزغىماقتا. ئەگەر مەزكۇر تاشيول پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشسە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ناھىيە، شەھەرلىرىنى خىتاينىڭ سىچۈەن قاتارلىق ‍ئۆلكىلىرى بىلەن تېخىمۇ زىچ باغلايدىكەن. خىتاي نوپۇسىنىڭ رايونغا يەرلىشىشىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قارالغان بۇ خىل قۇرۇلۇشلار، ئىزچىل ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ ھىندىستان چېگراسىغا يېقىن جايلاردا بۇ خىل چوڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىشى، بولۇپمۇ تاشيول قۇرۇلۇشىغا كىرىشىشى، ھىندىستان تەرەپنىڭمۇ سەزگۈرلۈكى ۋە نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.