خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل يەنە ئۇيغۇرلارنى «تاۋۇز چاغىنى» ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرغان

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل يەنە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى بولغان «تاۋۇز چاغىنى» نى ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ 21-سېنتەبىر يېتىپ كېلىدىغان «تاۋۇز چاغىنى» ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى يېزا-كەنتلەردە تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت ئەترەتلىرى يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنى خىتاينىڭ مەزكۇر بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرگە تەشكىللەنگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، خوتەننىڭ جىيا يېزىسىدىكى بىر كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ شياۋ فامىلىلىك بىر مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بۇ كەنتتە 17-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كەنت ئاھالىسىنىڭ بىرلىكتە ئايتوقاچ ياسىغانلىقى»، پائالىيەتنىڭ «ناھايىتى مەنىلىك» ئ‍ۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارالغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھەم مىللىي بايراملىرىنى چەكلەپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ «تاۋۇز چاغىنى»، «باھار بايرىمى» دېگەندەك مىللىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن.

دائىرىلەر بۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى «قوشماق تۇغقانچىلىقنى كۈچەيتىش ۋە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش» نامىدا قانات يايدۇرۇلۇپ كەلگەن. بىراق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «چاغان» ۋە «تاۋۇز چاغىنى» دەك بايراملارنى كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇرلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.