تايلاندنىڭ كۆچمەنلەر قاماقخانىسىدىن قاچقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ئەڭ ئاخىرقى كىشى تۇتۇلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ھەپتە تايلاندنىڭ مۇكداخان ئۆلكىسىدىكى بىر كۆچمەنلەر قاماقخانىسىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ئەڭ ئاخىرقى كىشى 13‏-يانۋار كېچىسى تايلان ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇپ قالغان.

تايلاند دائىرىلىرى 10‏-يانۋار كۈنى تايلاندنىڭ مۇكداخان ئۆلكىسىگە قاراشلىق مۇئاڭ رايونىدىكى كۆچمەنلەر قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 7 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ قاماقخانىدىن قاچقانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەي قاچقۇنلاردىن 6 كىشىنىڭ تايلاند ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان. ئەمما، ئۇلاردىن 33 ياشلىق مۇتەللىپنىڭ تۇتۇلماي قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ مۇتەللىپنى تۇتۇش ئۈچۈن شۇ رايوندا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

«بانكوك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 14‏-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند ساقچىلىرى مۇتەللىپنى 13‏-يانۋار كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كېچە سائەت 11 لەردە مۇكداخان بازىرىدىكى ھالقىسىمان بىر تاشيولدا كېتىۋاتقاندا تۇتقۇن قىلغان. خەۋەردە، ئۇنىڭ ئىنتايىن چارچاپ كەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ تۇتۇلغان جايى ئۇلار قاچقان كۆچمەنلەر ئىدارىسى قاماقخانىسىدىن 6 كىلومېتىر يىراقلىقتىكەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مۇتەللىپنى شۇ جايدىكى بىر تايلاند پۇقراسى ساقچىغا چېقىپ قويغان. ئۇ، ساقچىغا تېلېفون قىلىپ، نامەلۇم بىر كىشىنىڭ ھالقىسىمان تاش يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشىدا 2013‏-2014‏-يىللىرى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قاچقان. بۇ جەرياندا نۇرغۇن كىشىلەر تايلاند دائىرىلىرىگە تۇتۇلۇپ قالغان. تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسمى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار ئىز-دېرەكسىز يوقالغانىدى.

مۇكداخان ئۆلكىلىك كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاماقخانىدىن قاچقان 7 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرى 22-38 ياشلار ئارىلىقىدا ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ھەرقانداق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىگە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت