تايلاندتا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي پۇقرالىرى جىددىي قۇتقۇزۇش مۇراجىئەت خېتى ئېلان قىلدى

تايلاند ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 109 نەپەر ئۇيغۇرنى «چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن» دېگەن باھانىدە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتايدىن تايلاندقا قېچىپ چىقىپ، ب د ت نىڭ تايلاندتىكى ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي پۇقرالىرىنى ئەنسىرەتتى.

14-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تورىدىن بوشۈندە «تايلاندتىكى خىتاي مۇساپىرلىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مۇراجەتنامىسى» نامىدىكى خەت ئېلان قىلىندى.

مۇراجىئەت خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «2015-يىلى 8-ئىيۇل كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنىغا خىلاپ ھالدا 109 نەپەر ئۇيغۇرنى ھاياتى خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات قوراللىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق گۇماندارى»، «تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەدە قۇرۇلغان ئىسلام دۆلىتىگە بېرىپ جىھاد ئۇرۇشىغا قاتناشماقچى بولغانلار» دەپ ئېلان قىلدى. ھازىر بۇ ئۇيغۇرلارنى ئېغىر جازالار كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بۇ ۋەزىيەت تايلاندقا قېچىپ چىقىپ ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلەپ ئاخىرقى قارارنى كۈتۈۋاتقان بىزنى قاتتىق چۆچۈتتى. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتتە سىياسىي پاناھلىقىنى ساقلاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنى كوممۇنىست خىتاي دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز» دېيىلگەن.

بوشۈندە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، تايلاندتا سىياسىي پاناھلىقىنى ساقلاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا «تايلاند 109 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئەمدىكى نۆۋەتتە، تايلاندتا ب د ت دىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن باشقا خىتاي پۇقرالىرىنى يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي خرىستىئان مۇرىتلىرى ۋە فالۈنگوڭ مۇرىتلىرى قاتارلىقلارنىمۇ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە تەييارلىنىپتۇ» دېگەن خەۋەر تارقالغان. نەتىجىدە تايلاندتا قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن ۋە سەيشەنبە كۈنى بۇ مۇراجەتنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ب د ت نىڭ تايلاندتىكى مۇساپىرلار ئىشىخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.