تېكساس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان تۇتۇش ھەرىكىتىگە قارشى بۇيرۇق ئېلان قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.11.19

تېكساس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى گرېگ ئاببوت (Greg Abbott) دۈشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدە ياشايدىغان خىتايلارنى قورقۇتۇش ۋە ئۇلارنى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن قوللانغان ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن مەمۇرىي بۇيرۇق چىقارغان.

تېكساس ئىشتاتى ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىكى ئۆكتىچىلەرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇش ئۈچۈن «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى» ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئىشتات باشلىقى گرېگ ئاببوت ساقچى ئىدارىسىگە بۇ ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىۋاتقانلارغا زەربە بېرىپ، ئۇلارنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى چىرىك ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇشنى «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئون يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ھەرىكەت ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە. «ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ 2023-يىلى 6-ئايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» ياكى چەتئەلدە ياشايدىغان ئۆكتىچىلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىش، تەھدىت سېلىش ۋە جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى دەپ قارايدۇ.

تېكساس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى گرېگ ئاببوت بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مەن تېكساس ساقچى ئىدارىسىگە تېكساسلىقلارنى پاراكەندە قىلغان شەخسلەرنى تېپىش ۋە ئۇلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشنى بۇيرۇدۇم. بىز تېكساسنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانۇنسىز باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن تىرىشىمىز».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.