بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى پاكىستانلىق قىز مالالا ۋە ھىندىستانلىق ساتيراتىغا بېرىلدى

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى جۈمە كۈنى 2014‏-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ 17 ياشلىق پاكىستانلىق قىز ئوقۇغۇچى ۋە مائارىپ پائالىيەتچىسى مالالا يۈسۈپزاي بىلەن ھىندىستانلىق بالىلار ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش پائالىيەتچىسى كايلاش ساتيارتىغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن مالالا يۈسۈپزاي نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش مۇكاپات ساھىبى بولۇپ قالدى.

مالالا بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال، پاكىستاننىڭ سۇۋات ۋادىسى مىنگورا بازىرىدا تالىبانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان. ئۇ ساۋاقداشلىرىغا باشچىلىق قىلىپ، تالىباننىڭ قىزلارغا ئوقۇش چەكلىمىسى قويغانلىقىغا قارشى تۇرغان. قىزلار مائارىپىنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياغا تونۇلغان. بۇنىڭ بىلەن تالىبانلار بىر كۈنى مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى توسۇپ، مالالانى ئوققا تۇتقان. ئۇ بېشىدىن ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ، بىراق قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئىدى.

ھىندىستانلىق ساتيارتى 1980‏-يىللاردىن بېرى ئىزچىل بالىلارنى قۇل قىلىش ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشقا قارشى تۇرۇپ كەلگەن پائالىيەتچى. ئۇ ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق نەچچە مىڭلىغان بالا قۇلنىڭ قۇتقۇزۇلۇپ، ئۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەربىيەلەشنىڭ غەلىبىلىك يولىنى ئېچىپ بەرگەن. بىراق ئۇمۇ بىر قانچە قېتىم سۇيىقەستكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ھايات قالغان ئىدى.

نوبېل كومىتېتىنىڭ رەئىسى توربيېئون جاگلاند، ھىندىستانلىق بىر ھىندى بىلەن پاكىستانلىق بىر مۇسۇلماننىڭ «مائارىپ ئۈچۈن ۋە رادىكاللىققا قارشى ئورتاق كۈرىشى» نى مۇكاپاتلاش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.