«ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە يۇقىرى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى» قۇرۇلۇپ بېيجىڭنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەكچىكەن

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئۈرۈمچى، سانجى ۋە شىخەنزىدىن ئىبارەت ئۈچ شەھەر «يۇقىرى تېخنىكا تەرەققىيات ئېچىۋېتىش رايونى» دېگەن نامىدا بىرلەشتۈرۈلۈپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش پىلانلانماقتىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە قاتارلىق 3 شەھىرىنى دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى ئاتالمىش «يۇقىرى تېخنىكا تەرەققىيات ئېچىۋېتىش رايونى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلغان.

يۇقىرىقى بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى بۇ ئۈچ شەھەرنى بىرلەشتۈرۈپ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىتاينىڭ «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» غا پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەن. بىراق تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يۇقىرىقى ئۈچ شەھەر ئىسىملىرىنىڭ خىتايچە قىسقارتىلمىسى بويىچە ئاتالغان «ۋۇچاڭشى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى يېڭىلىق يارىتىش نەمۇنە رايونى» قۇرۇلۇشىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى ئىككى ئۆلكە قىلىپ ئايرىۋېتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر پىلانى بارلىقى ھەققىدە ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن قېتىم غەيرىي رەسمىي شەكىلدە ئۇچۇرلار تارقالغانلىقىنى بىلدۈردى.