رېئاكتىپ ئايروپىلان ۋە ئالەم كېمىسىنىڭ ماتورىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغان بىر گۇرۇھ خىتايلار ئامېرىكىدا ئەيىبلەندى
2018.10.31
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىگە تەۋە بولغان بىر گۇرۇھ خىتاي خادىملار ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن.
30-ئۆكتەبىر كۈنى ئاشكارىلانغان بۇ ھەقتىكى ئەيىبنامىدە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تەۋە بولغان مەزكۇر خادىملار كومپيۇتېر ھۇجۇمچىلىرى، يەنى (خاككېرلار) ۋە ئالاقىدار شىركەت خادىملىرىنى ياللىۋېلىپ، ئامېرىكىنىڭ رېئاكتىپلىق ئايروپىلانلىرى بىلەن ئالەم كېمىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماتور سىستېمىسىنىڭ ئىسخېمىسىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغان.
ئەيىبنامىدە چۈشەندۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدىكى 10 مۇھىم شىركىتى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. تور ھۇجۇمچىلىرى ۋە ياللىۋېلىنغان شىركەت خادىملىرى بىلەن ئالاقىسى بولغان جا روڭ، چەي مېڭ قاتارلىق 10 نەپەر خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى مەزكۇر ئەيىبنامىدە جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ئەيىبنامىدە خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۇر ئايروپىلان ماتورى ئىسخېمىسىنى ئوغرىلاش ئارقىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارماي ۋە چىقىم تارتماي تۇرۇپ ئۆزلىرىگە خاس ئايروپىلان ماتورى ياسىماقچى بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ بۈگۈن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ئەيىبنامىسىنىڭ ئاساسسىزلىقىنى، مەزكۇر جاسۇسلۇق دېلوسىنىڭ بىر توقۇلما ھېكايە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئامېرىكا ئادالەت مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مەسئۇل خادىمى جون دېمېرس بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بۇنىڭ بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرى بىلەن مەبلەغلىرىنىڭ ئوغرىلىنىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە خىتايغا ئالاقىدار 3-جاسۇسلۇق دېلوسىنى پاش قىلىشى ئىكەن.