تەيۋەن پرېزىدېنت سارىيىنىڭ قوغدىغۇچىسى بىر خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-08-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۈمە كۈنى، تەيۋەن پرېزىدېنتلىق سارىيىنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى ئەسكەر سامۇراي قىلىچى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارىلانغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە تەيۋەن ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەنى سىياسىي غەرەزلىك ھۇجۇم، دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەرلەردە، ھۇجۇمچىنىڭ 51 ياشلاردىكى لۇ فامىلىلىك كىشى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ پرېزىدېنت سارىيىنى قوغداۋاتقان باشقا ئەسكەرلەر تەرىپىدىن دەرھال بويسۇندۇرۇلۇپ، بىناغا كىرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، لۇ فامىلىلىك سامۇراي قىلىچىنى شۇ ئەتراپتىكى بىر تەيۋەن ھەربىي موزىيىدىن ئوغرىلاپ چىققان.

ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا پرېزىدېنت سەي يىڭۋېننىڭ ئىشخانىسىدا ياكى ئەمەسلىكى مەلۇم ئەمەس.تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقى تەيۋەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، لۇ فامىلىلىكنىڭ سومكىسىدىن كوممۇنىستىك خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى چىققان. ئۇ، ساقچىلارغا بەرگەن ئىپادىسىدە، ئۆزىنىڭ بۇ ھۇجۇم ئارقىلىق «سىياسىي مەيدانىنى نامايان قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ۋەقەگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى. 

بۇ قېتىم تەيۋەن پرېزىدېنت سارىيىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى پرېزىدېنت سەي يىڭۋېن تەيۋەننىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، خىتاي-تەيۋەن مۇناسىۋىتى جىددىي ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت