تەيۋەن پرېزىدېنتى تەيۋەن قوراللىق كۈچلىرىنى خىتاينىڭ قوراللىق تەھدىتىگە قارشى تەدبىر ئېلىشقا بۇيرۇدى

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئالدىنقى كۈنى تەيۋەن قوراللىق كۈچلىرىنى خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ قوراللىق تەھدىتىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە ۋە تېگىشلىك تەدبىر ئېلىشقا بۇيرۇغان. سەي يىڭۋېن تەيۋەن ئارمىيىسىنىڭ مەلۇم بىر ھەربىي بازىسىدىكى ئەسلىھەلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇلارنى خىتاينىڭ قوراللىق تەھدىتىدىن ھوشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان.

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەي يىڭۋېن: «خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بارغان شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلىشقا باشلىدى. دۆلىتىمىز ئىزچىل رايون بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇپ كەلدى. شۇڭا، جۇڭخۇا مىنگو ئارمىيىسى كومپارتىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىنى ھەر ۋاقىت تەقىب قىلىپ تۇرۇشى ۋە شۇنداقلا زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك،» دېگەن.

سەي يىڭۋېن ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرى تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى خىتاينىڭ ئىزچىل دۈشمەنلىكىگە ئۇچراپ كەلدى. خىتاي قوراللىق قىسىملىرى يېقىندىن بۇيان تەيۋەن ئەتراپىدا ئارقا-ئارقىدىن ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئېلىپ بارغان. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىدا، خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتى كۈچىيىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا 25 قېتىم ھاۋا مانېۋىرى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن بېيجىڭ ھەربىي دائىرىلىرى مانېۋىرنىڭ نورمال مەشىق ئىكەنلىكى، تەيۋەننىڭ بۇنىڭغا كۆنۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، سەي يىڭۋېن جۈمە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا «خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكىتى يالغۇز تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتىگە تەسىر قىلمايۋاتىدۇ. . . ئۇ ئوخشاشلا پۈتۈن شەرقىي ئاسىياغا تەسىر قىلىۋاتىدۇ. بۇ يالغۇز تەيۋەن دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ئەمەس،» دېگەن. بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكىتى ئۇنىڭ تەيۋەننى قوراللىق ئىشغال قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن سەي يىڭۋېن، خىتاينىڭ ھازىرقى شارائىتتا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى چەتكە قاققان.