تەيۋەن ب د ت «يېمەك-ئىچمەك ۋە يېزا ئىگىلىك كومىتېتى» نى تەيۋەننى كەمسىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.09.22

تەيۋەن ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا بېلىقچىلىق سانائىتى يىغىنىدىن چەكلەنگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، تەيۋەننىڭ مەركىزى ئاگېنتلىقى خەۋەر تارقىتىپ، ب د ت غا قاراشلىق «يېمەك-ئىچمەك ۋە يېزا ئىگىلىك كومىتېتى» تەرىپىدىن بۇ نۆۋەت ئىتالىيەدە چاقىرىلغان يىغىنغا قاتناشماقچى بولغان ئىككى نەپەر تەيۋەنلىك ۋەكىلنىڭ يىغىنغا قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ كومىتېتقا نارازىلىق خېتى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى تەيۋەننى كەمسىتىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، تەيۋەننىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشتىن چەكلىنىشىنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بار، دېيىلگەن بولسىمۇ بۇ ئۇچۇرنىڭ قانداق ئىگىلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەنلىك ئەزالار ب د ت غا قارايدىغان بۇ كومىتېتنىڭ يىغىنلىرىغا 2003-يىلىدىن ئېتىبارەن مۇتەخەسسىس ياكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان ئورگانلارنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە قاتنىشىپ كەلگەن ئىكەن. بىراق، بۇ نۆۋەت ئۇلار تۇيۇقسىزلا قاتنىشىشتىن چەكلەنگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدىكى دىپلوماتىك بېسىمىنى چىڭىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. تېخى بىر قانچە كۈن ئاۋۋال مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغان تەيۋەنلىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ فورمىسىدىكى دۆلەت بەلگىسى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئۆزگەرتىلىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئاشكارىلىنىپ، تەيۋەنلىكلەرنى نارازى قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.