خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ تيەنجىندىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 112 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھازىرغىچە يەنە مەلۇم ساندىكى ئادەملەرنىڭ ئىز - دەرىكى بولمىغان بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەلۇم ساندىكى ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى بولمىغان ھەم ئۇلارنىڭ كۆپى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئىكەن. 15 - ئاۋغۇست كۈنى تيەنجىن شەھەر رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىم ئېكران ئالدىدا كۆرۈنگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ مەسىلىدە يىغىن ئاچقان. ئەمما، ھازىرغىچە تيەنجىندىكى پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈپ سەۋەب تېخى ئېنىقسىز بولۇپ، يەنىلا تەكشۈرۈش ئۈستىدە ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ تيەنجىن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئۆسەك سۆز تارقاتتى»دېگەن نام بىلەن بىر قىسىم تور بەتلەرنى تاقىۋەتكەن بولۇپ، بۇ تور بەتلەردە تەينجىن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپەيتىۋېتىلگەنلىكى سەۋەب بولغان ئىكەن. ئەمما، چەتئەللەردىكى خىتاي تور بەتلىرىدە تيەنجىن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەت - تەسىرلىرى ھەققىدە تۈرلۈك تەھلىل ۋە ئىنكاسلار ئىزچىل داۋاملاشماقتا. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن ئون نەچچە نەپەر ئىز - دېرىكى بولمىغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن.