خىتاينىڭ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن يەنە بىر تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈردى

22-دېكابىر يۈز بەرگەن تىبەتلىك ئايالنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن،23-دېكابىر خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى تىبەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا يەنە بىر تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى سىچۈەننىڭ گەنزى ئوبلاستى تاۋۇ ناھىيىسىدىكى ساقچىخانا يېنىدا يۈز بەرگەن. ئۆزىنى كۆيدۈرگۈچى شۇ ناھىيىدىكى نىلا مۇناستىرىنىڭ راھىپى گەنساڭ يىشى بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە ئوت قويۇشتىن ئىلگىرى «ھۆكۈمەت تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىشىغا رۇخسەت قىلسۇن!» دەپ شوئار توۋلىغان. ئەمما بۇ قېتىم ئۆزىنى كۆيدۈرگەن تىبەت راھىبىنىڭ ئۆلگەن ياكى تىرىكلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

دۈشەنبە كۈنى سىچۈەننىڭ ئابىي تىبەت ئوبلاستىدا مېرما ئىسىملىك 19 ياشلىق بىر تىبەتلىك ئايالنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.