لوبساڭ ساڭگاي: كانادا تىبەت مەسىلىسىدە خىتايغا كۇبەكنى ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.11.23

كانادا پايتەختى ئوتتاۋادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى لوبساڭ ساڭگاي، كانادا سىياسەتچىلىرى بىلەن سۆھبىتى داۋامىدا، كانادانىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىدە خىتايغا تەنبىھ بېرىشكە ھەقلىق ۋە لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي تەرەپكە ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگىتىشنى تەۋسىيە قىلغان.

بۇ نۇقتىدا كونكرېت توختىلىپ،كانادانىڭ تىبەت مەسىلىسىدە خىتايغا گەپ قىلغاندا كۇبەكنى ئۈلگە كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

كۇبەكتە 1960-يىللاردىن باشلاپ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى باش كۆتۈرگەن، كانادا بۇ مەسىلىنى رېفېراندۇم ئارقىلىق ھەل قىلغان بولۇپ، رويتىرىسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە كۇبەك خەلقى كانادا تەركىبىدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولماقتا. لوبساڭ ساڭگاينىڭ مەزكۇر چاقىرىقى خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

رويتىرىس ئاگېنتلىقى لوبساڭنىڭ بۇ چاقىرىقى ھەققىدە كانادادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پوزىتسىيىسىنى سورىغان. ئۈ ئەلچىخانا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەتكە دائىر بارلىق ئىشلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، لوبساڭ ساڭگاينىڭ كانادا پارلامېنتىدىكى سۆزلىرىنى تىبەتنى قوللغۇچى پارلامېنت ئەزالىرى ئۆرە تۇرۇپ ئالقىشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.