ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تىك-توكنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان
2024.08.02
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە سودا كومىتېتى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى تىك-توك ۋە ئۇنىڭ باش شىركىتى بايت دەنس (ByteDance) نى تىك-توك سۇپىسىدا بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغدىمىغانلىقى جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئەرز سۇنغان.
ھىندىستاننىڭ «مەتبۇئات» (The Print) تورى ئېلان قىلغان بۇ خەۋەرگە قارىغاندا، تىك-توك ئامېرىكانىڭ «ئاتا-ئانىلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ 13 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، ئىشلىتىش ياكى ئۇلارنى ئاشكارىلاش چەكلىنىدۇ» دېگەن قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىك-توك بالىلارنىڭ تىك-توكتا ئۆز ئالدىغا ھېساب ئېچىشىغا، ئاندىن ئۇلارنىڭ تىك-توكتا چوڭلار كۆرىدىغان قىسقا ۋىدىيولارنى خالىغانچە كۆرۈشىگە يول قويغان. تىك-توك يەنە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 31-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بالىلار ۋە 17 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرنى شەھۋانىي ئېلانلارنى كۆرۈشتىن چەكلەش، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار شۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالسا توردىكى ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق ماددىلار بار ئىكەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكادا 170 مىليون ئابونتى بولغان تىك-توك ئامېرىكىنىڭ يېڭى چىقارغان قانۇنى بويىچە قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن بويىچە تىك-توك 2025-يىل 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن بۇرۇن بايت دەنستىن ئايرىلىپ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تەۋە بولۇشى ياكى پۈتۈنلەي چەكلىنىشى كېرەك ئىكەن.
تىك-توكنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ياردەم بېرىشتە رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋىدىيولارنى چەكلىگەنلىكى ھەم چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاشتا خىزمەت كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر تور مۇتەخەسسىسلىرىدىن دوكتور ئابدۇرېشىت ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوۋيىن ياكى تىك-توك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سۈزۈپ ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.