ئۇيغۇر رايونىدا «مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك روھىغا خىلاپلىق قىلىش» تا كۆرۈلگەن 6 تىپىك مەسىلە ئېلان قىلىنغان

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 27-ئاپرېل چىقارغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك روھىغا خىلاپلىق قىلىش» تا كۆرۈلگەن 6 تىپىك مەسىلىنى ئېلان قىلغان.

بۇ ئالتە تۈرلۈك مەسىلە بۈگۈر ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ سوۋغات ئېلىش مەسىلىسى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسدىكى بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ پۇل تارقىتىش ۋە سوۋغات ئېلىش مەسىلىسى، گۇما ناھىيەسىدىكى بىر يېزا بازار باشلىقى (ئۇيغۇر)نىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئىشلىتىۋېلىش مەسىلىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيە قۇرۇلۇش ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنى ئۆي ئورنىدا ئىشلىتىش مەسىلىسى، ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى باشلىقى (ئۇيغۇر)نىڭ سوۋغات ئېلىش مەسىلىسى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر مەكتەپ مۇدىرى (ئۇيغۇر)نىڭ قائىدىگە خىلاپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەت» ئاستىدىمۇ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقانلىقى «تىپىك مىسال ۋە كۈچلۈك ئىبرەت» سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان ۋە «ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى» نى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ يەردە كۆزەتچىلەر دىققەت قىلغان بىر نۇقتا شۇكى، خەۋەردە ئېيتىلغان «يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەت» بىر جەھەتتىن خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتكە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ خىتايدا بېسىم پەيدا قىلغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا يۈكلىگەن ۋەزىپىسىنىڭمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى نۇقتا شۇكى، خىتايدىكى چىرىكلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئادەتتىكى مەسىلىلەر بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنى تىپىك مەسىلە قاتارىدا كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، چوڭ ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىك ۋە جىنايەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن.