خىتاي تۆمۈريول قۇرۇلۇش ھەسسىدارلىق شىركىتى ئۈرۈمچىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مېترو ياساپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تۆمۈريول قۇرۇلۇش ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باشلىقى 29-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە سۆز قىلىپ، بۇ يەردە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مېترو لىنىيىسى ياساپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ سۆزنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا چىقارغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي تۆمۈريول قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە 80-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە 6-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى پەش قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەر ئاستى تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشى خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئۈرۈمچىنى 5 مىليون نوپۇسلۇق چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرۇش شۇنداقلا ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي مەركەزگە ئايلاندۇرۇش پىلانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.

ھالبۇكى، ئۈرۈمچىنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مېترو قۇرۇلۇشىنى غەربتىكى قوشنىسى تاشكەنت شەھىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن 40 يىل كەينىدە قالغانلىقى مەلۇم.