30-ئىيۇلدا بېيجىڭدا ئېچىلغان «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش» نامىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن 2022-يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەككىز مىڭ كىلومېتىردىن ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، ئايرودروم سانىنىڭ 30 غا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 30-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى 2014-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق رايون بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىغا قاتنايدىغان پويىزنىڭ قېتىم سانى 100 پىرسەنت ئاشقان. شۇ قاتاردا ئۈرۈمچىدىن تېھرانغا ۋە گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىبىلىس شەھىرىگە ھاۋا قاتنىشى ئېچىلغان.
ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر يول ۋە ھاۋا قاتنىشىغا بۇنچە كۈچەپ كېتىشى ئۇلارنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە ھەربىي قىسىملارنى يۆتكەش ئېھتىياجىنى ئەڭ چوڭ نىشان قىلغان،» دەپ كۆرسەتتى.