ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئۇچۇر نازارەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.12.23
2014.12.23
خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 2015-يىلىدا ئىنتېرنېت - ئۇچۇر سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور ساقچىلىرى ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساقچى دائىرىلىرى 2014-يىل بىر يىل ئىچىدە تور ساقچىلىرى ئارقىلىق 5000 كىشىنى ئىز قوغلاپ تۇتقۇن قىلغان.
يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقى كۈچەيگەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ئىنتېرنېتتا ۋە تېلېفوندا چەتئەل خەۋەرلىرىنى كۆرگەن ۋە رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇچۇر يوللىغانلار نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ئوبيېكتى قىلىنغان. ھەتتا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىپ مۇددەتلىك، مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.