خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا «تۆت تارىخ» نى ئۈگۈنۈش ھەركىتى باشلاپ، بۇ ھەرىكەتنى «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمنلىكى» بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق پارتكوم 27-ماي كۈنى دائىمىي كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، «تۆت تارىخ» تەشۋىقاتى ۋە تەربىيە خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «تۆت تارىخ» دېگىنى پارتىيە تارىخى، يېڭى جوڭگو تارىخى، ئىسلاھات تارىخى ۋە سوتسىيالىستىك تەرەققىيات تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ «تۆت تارىخ» تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ھۆججىتى يەتكۈزۈلگەن. بۇ ھەرىكەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلەپ، ئۇيغۇرلارنى ئومۇمىييۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇۋاتقان مەزگىلدە باشلانغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەرىكەت بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتا قۇرۇشنى مەقسەد قىلغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ پارچىسى ئىكەن.
يىغىندا «تۆت تارىخ» نى كومپارتىيەنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى بىلەن بىرلەشتۈرىشنى…تۆت تارىخ ئارقىلىق مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەشۋىقات ۋە تەربىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىش» نى، بۇنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.