ترامپنىڭ ئالېكس ۋوڭنى مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى قىلىپ تاللىشى خىتايغا نىسبەتەن كۈچلۈك سىگنال دەپ قارالماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.11.25

«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا قايتىدىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئالېكس ۋوڭنى مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى قىلىپ تاللىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ، بۇنىڭ ئالدىدا مايك ۋالتىزنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى.

دونالد ترامپنىڭ بىرىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مۇددىتى مەزگىلىدە ئالېكس ۋوڭ (Alex Wong) ئامېرىكانىڭ شىمالى كورېيە ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان مۇئاۋىن ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ ترامپنىڭ شىمالى كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئۇچرىشىنى تەشكىللەشكە قاتناشقانىدى. ترامپ ئالېكس ۋوڭنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلىغاندا مۇنداق دېگەن: «ئالېكىس ۋۇڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش تىرىشچانلىقىغا رەھبەرلىك قىلدى».

ئالېكس ۋوڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردە ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون ئىنستىتۇتى ئاقىللار ئامبىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، ئۇ خىتاينى لىبېرال خەلقئارا تەرتىپنى سۇيىئىستېمال قىلىپ قۇدرەت تاپقان دۆلەت دەپ تەسۋىرلىگەن. ئالېكىس ۋوڭ ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «ئەڭ خەتەرلىك يېرى شۇكى، خىتاينىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى يەنە لىبېرال خەلقئارا تەرتىپنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا باغلىق. خىتاي كومپارتىيەسى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش، خەلقئارا سىياسىي ئىرادىلەرنى مەجبۇرلاش ۋە قالايمىقان قىلىش، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى باستۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتىدۇ».

دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق قوللۇقى بىلەن تونۇلغان ماركو رۇبىيونى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، مايك ۋالتىزنى دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى قىلىپ تەيىنلىشى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئالېكس ۋوڭنى مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى قىلىپ تاللىشى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنىڭ كۈچلۈك سىگنالى دەپ قارالماقتا.

دوكتور ئاندېرىس كور قاتارلىق سىياسىي ئانالىزچىلار دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق قوللۇقى بىلەن تونۇلغان ماركو رۇبىيونى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، مايك ۋالتىزنى دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ۋە ئالېكس ۋوڭنى مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى قىلىپ تاللىشى خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال دەپ قارىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.