پىرېزىدېنت ترامپ 2025-يىلىنىڭ بېشىدا خىتايدىن %40 كە يېقىن تاموژنا بېجى ئالماقچى ئىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.11.20

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ ئىقتىسادشۇناسلار ئارىسىدا ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارغا %40 كە يېقىن تاموژنا بېجى ئېلىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي ھېسابلانغان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى 1 پىرسەنت تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن.

يېقىندا خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا، قىيىن ئەھۋالدا قالغان خىتاي ئىقتىسادى ۋە دونالد ترامپنىڭ خىتاي بىلەن يېڭى سودا ئۇرۇشىنى باشلاش ئېھتىمالىغا قارىتا يېڭى قارار ماقۇللانغانىدى. خىتاي يەنە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ غايەت زور قەرزنى تۆلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 1 تىرىللىيون 400 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادنى رىغبەتلەندۈرۈش پىروگراممىسىنى جاكارلىغانىدى.

خىتاي نوپۇسى ئازىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتايدا 90 مىليونغا يېقىن تۇرالغۇ ئۆينىڭ قۇرۇق ھالەتتە تۇرۇشى، ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز پاتقىقىغا پېتىشى، خىتاينىڭ بەزى جايلىرىدا 2021-يىلدىن بۇيان ئۆي باھاسىنىڭ تەخمىنەن %30 چۈشۈپ كېتىشى، سانائەت كىرىمىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا %17.8 تۆۋەنلىشى خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەرگەن ئاساسلىق ئامىللار ھېسابلانماقتا.

ئاندىرس كورغا ئوخشاش ئانالىزچىلار خىتاي ماللىرىغا يۇقىرى مىقداردا تاموژنا بېجى قويۇش ئامېرىكا ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئامېرىكا سانائىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتىنى كۆپەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇزاكىرىلىرىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ قولىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.