خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش قىلمىشى ھەر ساھەنىڭ كەسكىن تەنقىدلىشىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا، 17-دېكابىر كۈنى ئۆزبېكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تۇغقانلار سۆھبەت يىغىنى» ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ۋىدىيولوق سۆھبەتتە نۇقتىلىق قىلىپ ئۆزبېكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ، دېگەن سەپسەتىسىگە رەددىيە بېرەيلى» دېگەن مەزمۇندا نۇتۇقلار سۆزلەنگەن. شۇنىڭدەك «مەجبۇرىي ئەمگەك»، «قىرغىنچىلىق» دېگەن ھادىسىلەرنىڭ «ئۇيغۇر دىيارىدا ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ئەكسىچە بارلىق كىشىلەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. خىتاينىڭ تاشكەنتتىكى باش ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ سۆھبەت يىغىنى جەريانىدا «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەندەك ئاتالغۇلارنىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىلىشى، بۇ تور يىغىنىنىڭ بىر قېتىملىق تىپىك سىياسىي تەشۋىقات پائالىيىتى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە توختىماستىن ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇشۇ خىلدىكى «تۇغقانلار سۆھبەت يىغىنى» تەشكىللەش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئەيىبلەشلىرىگە تاقابىل تۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغاندىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلىشىمۇ مۇشۇ مەقسەتتە بولغان، دەپ قارالماقتا ئىكەن.
ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قوروسىغا تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ كىرەلمەسلىكى ياكى ئۇلارنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئەڭ ئەقەللىي بولغان تېلېفون ئالاقىسىدىمۇ بولالماسلىقى، نۆۋەتتىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنىڭ قايسىي دەرىجىگە بېرىپ قالغانلىقىنى بىۋاستە كۆرسەتمەكتە ئىكەن.