خىتاي باشقۇرىشىدىكى «بىڭتۇەن تورى» نىڭ 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋە سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ جۈنجېڭ تۇمشۇق شەھرىدە خىزمەت تەكشۈرىشىدە بولغان. بۇ جەرياندا ئۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل نۇتۇقى» نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش بىلەن بىرگە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتى ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىنىڭ تولۇق ئەمىلىشىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ جۈنجېڭ «بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىزدە بىڭتۇەننىڭ ئۇنۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرىشىمىز، بىڭتۇەننى ئاكتىپ ۋە سالماق قەدەملەر بىلەن جەنۇبقا كېڭەيتىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىڭتۇەننىڭ يەرلىك بىلەن سىڭىشىشىنى پائال ئالغا سۈرىشىمىز لازىم» دېگەن. ئۇ يەنە بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىق ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇش لازىملىقىنى، بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ۋە ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ تۇراقلىق بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەكىتلىگەن.
ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ بۇ قېتىمقى خىزمەت زىيارىتىدە ئالاھىدە تەكىتلىگەن «بىڭتۇەنلەرنى جەنۇپقا كېڭەيتىش ۋە يەرلىك بىلەن سىڭىشىش» ھەققىدىكى سۆزلىرىنى بەزى ئانالىزچىلار «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن بىڭتۇەن سىياسىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىدىن بىشارەت» دېدى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا قەغەز يۈزىدىكى ئاپتونومىيەنى قۇرۇپ قويۇپ ئۇيغۇرلارنى ئالداپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە بىڭتۇەن ئارقىلىق بۇ ‹قەغەز يۈزىدىكى ئاپتونومىيە› نى چەكلەپ كەلگەن. ئەمدىلىكتە ئاشكارا ھالدا بۇ ‹ساختا ئاپتونومىيە› نى يوق قىلىشقا يۈزلەنمەكتە،» دېدى.