تۈرك ئالىملىرىمۇ بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇ بولسىمۇ، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىئوخىمىيە ئالىمى ئەزىز سانجار ئىدى. چارشەنبە كۈنى، ئۇنىڭ ھۈجەيرىلەرنىڭ بۇزۇلغان DNA نى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى يېڭى بايقىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا يەنە، ئامېرىكىلىق ئالىم پاۇل، مۇدرىك ۋە شىۋېتسىيەلىك ئالىم توماس لىنداھلمۇ ئېرىشتى.
ئەزىز سانجار ئەسلى تۈركىيەدىن بولۇپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە كېيىن ئامېرىكىنىڭ دالاس شەھەردىكى تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئۇ يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇر، يەنى رادىئاتسىيىدىن زەخىملەنگەن دنا نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېخانىزمىنى سىخىمىلاشتۇرۇپ چىققان.
ئۇ ھازىر شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى.
مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى 3 ئالىمنىڭ بۇ بايقاشلىرىدىن پايدىلىنىپ راك كېسەللىكلىرىنى يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىكەن.