تۈركىيە ئامانلىق كۈچلىرى ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋرى رايونىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان

تۈركىيە ئامانلىق كۈچلىرى پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇل سىرتىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا باسقۇن ئېلىپ بېرىپ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنى ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، تۈرك ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋرى رايونىدىكى بىر ئولتۇراق رايونىدا خىتايدىن كەلگەن بىر تۈركۈم مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ئەمما تۇتقۇنلارنىڭ سانى ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، تۇتقۇنلار رېينا قەتلىئامىنىڭ گۇماندارىغا ياردەم قىلغان ياكى قوللىغان، دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلنىڭ ئورتاكۆي رايونىدىكى رېينا كەچلىك كۇلۇبى تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 30 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، 60 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. ئەمما ھۇجۇمچى نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن ئىدى.

تېررورلۇق تەشكىلات -دائېش تېررورلۇق ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈرك ھۆكۈمىتى تېررورلۇق گۇماندارىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى زور ئېھتىماللىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان.

ئۇلار بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمنى«تۈرك-ئۇيغۇر قېرىنداشلىقىغا قىلىنغان سۇيىقەست» دەپ ئەيىبلىگەن. تۈرك ئامانلىق كۈچلىرى سىلىۋرىدىكى باسقۇندىن بىر كۈن ئاۋۋال ئىزمىر شەھىرىدە باسقۇن ئېلىپ بېرىپ، 9 ئەركەك، 11 ئايال بولۇپ 20 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. تۈرك ئاخباراتى تۇتقۇنلارنىڭ سۈرىيەدىن قايتقان داغىستانلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.