تۈركىيە ساقچىلىرى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئالتە نەپەر گۇماندارنى تۇتقۇن قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.20

ئىستانبۇلنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارنى توپلىغانلىقى ۋە ئۇنى خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا يەتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئالتە نەپەر گۇماندار، تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

ئىنگلىز تىلىدا چىقىدىغان «نازارەتچى» (Al-Monitor) گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى دائىرىلىرىنىڭ 20-فېۋرال كۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بارغان تۇتقۇن ئوپېراتسىيەسىدە تۈركىيەدىكى غوللۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا دائىر «ئۇچۇرلارنى توپلىغان» ئالتە نەپەر گۇماندارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. كۆزەتكۈچىلەر، تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا ئىشلەيدىغان جاسۇسلۇق گۇماندارلىرىنى ئاشكارا تۇتقۇن قىلىشى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، دەپ قارىماقتا. تۈركىيە «ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيە خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى يەنە بىر جاسۇسلۇق گۇماندارىنىڭ ئىز-دېرىكىنىمۇ جىددىي قىلماقتا ئىكەن.

تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا ئەردوغاننىڭ قايتا پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىدىن كېيىن، ئىجابىي بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىزچىل ئىختىلاپتىكى مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا قارىتا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جىددىي بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. تۈركىيەدىكى «24 تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى خىتاي جاسۇسلۇق گۇماندارلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشىنىڭ تېررورلۇق ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرنى سۈرۈشتۈرۈش باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان.

خەۋەردە، تۇتقۇننىڭ تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بۇ ئۇچۇرلاردا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىستىخبارات دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائەت ئەربابلىرى، جەمئىيەتلەر ۋە قۇرۇلۇشلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان يەتتە گۇماندارنىڭ بايقالغانلىقى ۋە بۇ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە تۇتقۇن قىلىنغان 6 گۇماندار ۋە ئىز-دېرىكى قىلىنىۋاتقان يەنە بىر گۇماندارنىڭ ئىسمى ۋە كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.