ئاتا-تۈرك ئايرودرومىدىكى 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە يول قويۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.12.31

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئاتا-تۈرك خەلقئارا ئايرودرومىدا يېقىنقى 3 ئايدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ 30‏-دېكابىر كۈنى قويۇپ بېرىلىپ، تۈركىيەگە كىرىشىگە يول قويۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. مالايسىيا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 10‏-ئاينىڭ باشلىرى بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى «گۇناھسىز» دەپ قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول قويغان. ئەمما ئۇلار ئىستانبۇل ئاتا-تۈرك ئايرودرومىغا قونغاندا تۇتۇپ قېلىنىپ، تۈركىيەگە كىرىشىگە يول قويۇلمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاز كەم 3 ئايدىن بېرى ئاتا-تۈرك ئايرودرومىغا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى سىياسى-پارتىيە گۇرۇھلار، بەزى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ساختا پاسپورت بىلەن تۈركىيەگە كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى»، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى» قاتارلىق ئورگانلارنىڭ 30‏-دېكابىر ئېلان قىلىشىچە، مالايسىيادىن كەلگەن 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەن دىن كېيىن تۈركىيەگە كىرىشىگە يول قويۇلۇپ، ئائىلىلىرى بىلەن جەم بولغان. تايلاندنىڭ مالايسىيا چېگراسىغا يېقىن جايدىكى بىر مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە قامالغان 20 دەك ئۇيغۇر 2017‏-يىلى 11-ئايدا مۇساپىرلار مەركىزىدىن قاچقان. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تايلاند دائىرلىرىغا تۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىقى 11 كىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مالايسىياغا ئۆتۈپ كەتكەن. مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى «چېگرادىن قانۇنسىز» كىرىش بىلەن ئەيىبلەپ، 1 يىلدەك تۇتۇپ تۇرغان. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مالايسىيا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، بۇ يىل 10‏-ئاينىڭ باشلىرى ئۇلارنى قويۇپ بەرگەن. مالايسىيا باش مىنىستىرى مۇھەممەد ماخاتىر بۇ يىل 15‏-ئۆكتەبىر مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئۇلارنىڭ «مالايسىيادا ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ھىدەيتۇللا ئوغۇزخان 30‏-دېكابىر «فېيسبۇك» تا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ «شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن تۈركىيەدە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھەمىسىگە تۈركىيە پۇقرالىقىنى بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.