خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 12-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە تيەنجىن پورتىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى، ئەمما ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
بۇ يىل 12-ئاۋغۇست كۈنى دەل مۇشۇ پورتتا 165 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى 700 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشغا سەۋەب بولغان خىمىيىلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدىكى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، تېخى ئىككى ھەپتە ئىلگىرىلا خىتاي دائىرىلىرى پورتتىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
دەل ئىككى ئاي بولغان كېچىسى، يەنە ئەينى پورتتا ئوخشاش پارتلاشنىڭ يۈز بېرىشى دىققەت قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىمقى پارتلاش ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەرلەر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سۈرەتلىك خەۋەرلەردە كېچىدىكى پارتلاشنىڭ بىرقانچە قېتىم تەكرارلانغانلىقى ۋە پارتلاشتىن كېيىن ئوت شارچىلىرى ۋە يالقۇنىنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.
رادىئومىز سەيشەنبە كۈنى تيەنجىنگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. شەھەر ئاھالىسى بولسا ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
ۋاڭ فامىلىلىك بىر ئايال «ھۆكۈمەت ۋەقەدە يارىلىنىش ئەھۋالى بولمىدى دەپ خەۋەر بەردى. ئەمما بۇ يەردە خەۋەرلەر قامال قىلىنىۋاتىدۇ. بىز پۇقرالار پارتلاشنىڭ سەۋەبى ۋە قانداق بۇيۇملارنىڭ پارتلىغانلىقىدىن خەۋەرسىز. ئوت شارچىلىرى ئۆتكەن قېتىمدىكىگە ئوخشاپ تۇرىدۇ. ئەگەر يەنىلا زەھەرلىك خىمىيىلىك پارتلىغۇچى بۇيۇملار ئامبىرىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولسا، پارتلاشتىن كېيىنكى مۇھىت بۇلغىنىشى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بىز ھۆكۈمەتتىن بۇنداق خەتەرلىك بۇيۇملار زاۋۇتى ۋە ئىسكىلاتلىرىنى ئاھالىلەر رايونىدىن يىراق تۇتۇشنى ئۈزلۈكسىز تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز، ئەمما ئۇلار ئاۋازىمىزغا قۇلاق سالمىدى» دېدى.