5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 6 يىللىقىدا ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بايانات بېرىپ، خىتاينى ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باياناتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ۋە بۇ مەزگىلىدە، خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشىدا ئۆلگەن ۋە غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە. مەتبۇئاتلارنىڭ 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە دائىر خەۋەرلەرنى بېرىشىنى توسۇپ، خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى تەكشۈرۈشىنى داۋاملىق رەت قىلىپ كەلمەكتە. 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقانلارنى تۈرمىلەرگە سولىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدىكى ۋەقە ھەققىدە دۇنياغا جاۋاب بېرىش كېرەك» دېگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇلدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ۋە دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە 6 يىل بولدى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا تىنچ نامايىش قىلىپ ئۆز تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، قولىدا ئۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى زور تۈركۈمدە ھەربىي قوشۇننى يۆتكەپ كېلىپ، ئېغىر قوراللارنى ئىشلىتىپ باستۇردى. ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ۋە غايىب بولغان ئۇيغۇرلار سانى دۇنيانى چۆچۈتىدۇ. غايىبلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولسا ھازىرغا قەدەر ئۆلگەن ۋە غايىب بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز تۇرماقتا» دېگەن.
2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 6 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار نامايىش ۋە يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلماقتا.