ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئاۋىئاماتكىدىن نەتىجىلىك قويۇپ بەردى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى بىر ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئاۋىئاماتكىدىن تۇنجى قېتىم نەتىجىلىك قويۇپ بېرىپ تارىخ ياراتتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ، خىتاي ۋە ئىران قاتارلىق رەقىبلىرىنى كۆزدە تۇتقان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مەزكۇر ساھەگە قارىتىلغان تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن X-47B تىپلىق ئۇچقۇچىسىز رېئاكتىپ ئايروپىلانغا «ھاۋادا ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسى» دەپ نام بېرىلگەن. ئايروپىلان ۋىرگىنىيە شتاتى قىرغىقىدىكى USS- Georg H. W Bush ناملىق ئاۋىئاماتكىدىن قويۇپ بېرىلدى.

مەزكۇر رېئاكتىپ ئايروپىلان 65 مىنۇت ئايلىنىپ ئۇچقاندىن كېيىن، مارىلاند شتاتىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا نەتىجىلىك قوندۇرۇلدى. مۇئاۋىن ئادمىرال تەد برانچ: بۇ بەك خۇشاللىنارلىق كۈن بولدى. 14-ماي بىز بىر تارىخىي ۋەقەگە شاھىت بولدۇق، دېدى.

رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدىكى دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتچىسى ئانتونىي كوردسمان مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەققىدە توختىلىپ: بۇ، ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم، دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىلگىرىكى شۇ خىلدىكى ئايروپىلانلارغا قارىغاندا يۇقىرى دەرىجىدە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك يوشۇرۇن ئۇچۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.