ماركو رۇبىيو ۋە جېف مېركلېي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىق ۋە جازا قانۇنى» (UGASA) ناملىق يېڭى بىر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشـتۇرغان
2023.06.01
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى - ماركو رۇبىيو بىلەن جېف مېركلېي 31-ماي ئېلان قىلغان باياناتىدا، گەرچە ئامېرىكا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللىغان بولسىمۇ، ئامما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھېلىھەم توختاتمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇلار شۇ ۋەجىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن يېڭى بىر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان.
بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قويۇلىدىغان جازا تەدبىرى ۋە ساياھەت چەكلىمىسىنى كېڭەيتكەندىن باشقا، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئورگىنىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىشى، ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قوللىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تىل مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللايدىغان پائالىيەتلەر بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك شۇغۇللىنىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئاكسىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشىنى شەرت قىلىپ قوشۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئورگانلارنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق ماددىلارمۇ يەر ئالغان.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو تىۋىتتېرىدىكى ئۇچۇرىدا ئۆزى تونۇشتۇرغان «بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت قانۇنلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان جازانى كېڭەيتىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى» ئېيتقان.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېيمۇ باياناتىدا، «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان دەھشەتلىك نازارەت، تۈرمە، قىيناش ۋە قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى مىليونلىغان كىشىلەرنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆتمۈشىدىن مەھرۇم قىلماقتا. بۇ قانۇن لايىھەسى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى قوغداش بىلەن بىرگە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئىلگىرىلەپ سۈرۈشتۈرۈشتىكى ھالقىلىق قەدەم» دەپ كۆرسەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتا نۇسخىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلىدىكەن.