ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتنى تەكشۈرۈش ۋە خەۋەر قىلىش ھايات-ماماتلىق مەسىلىسىدۇر»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.05.01

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 1-ماي دۇنيا ئاخبارات كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خاتا ئۇچۇر تارقىتىشىغا يول قويماسلىققا چاقىرغان. باياناتتا «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارىلاشتا مەتبۇئاتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى»، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەركىن خەۋەر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارغا پاراكەندىچىلىك قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر رايوندىكى ۋەزىيەتنى خەۋەر قىلىش بىر قىزىل سىزىق ئىكەن. باياناتتا، ھالبۇكى بۇ ۋەزىيەتنىڭ بۇ يىل تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنى ئاشكارىلاپ كەلگەن «نيۇ-يورك ۋاقتى»، «ۋول ستېرېت ژۇرنىلى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى قوغلاپ چىقارغانلىقى تەنقىدلەنگەن.

باياناتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە تۇرۇپ خەۋەر ئىشلىشىنىڭ ھېچقانداق مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقى، خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان مۇخبىرلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى، چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندىن كېيىن بۇ ساننىڭ تېخىمۇ ئارتقانلىقى تەكىتلەنگەن. باياناتتا، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى نىشانغا ئېلىپ، ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشقا كىرىشكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتنى تەكشۈرۈش ۋە ئاشكارىلاش ھايات-ماماتلىق مەسىلىسى» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.