ئۇكرائىنالىقلار ئاچارچىلىق پاجىئەسىنىڭ 82 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.11.29


ئۇكرائىنالىقلار شەنبە كۈنى بۇ دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق پاجىئەسىنىڭ 82 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە شەنبە كۈنى ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى جەمئىيەتلەر ۋە خەلق 1932 - 1934 - يىللىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرگەن.

ئۇكرائىنا دائىرىلىرى 1932 - 1934 - يىللىرىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ستالىن، مولوتوۋ باشلىق سوۋېت كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىگە ئارتقان بولۇپ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى ھەر يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - ھەپتىسى دۆلەت بويىچە بايراق چۈشۈرۈپ، ئاچارچىلىق قۇربانلىرىنى ئەسلەشنى بېكىتكەن.

كىيېۋ سوت مەھكىمىسى ستالىن، مولوتوۋ قاتارلىق بىر سوۋېت كومپارتىيە رەھبەرلىرىگە ئاچارچىلىقنىڭ جاۋابكارلىرى سۈپىتىدە جىنايەت بېكىتكەن.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا نوپۇس ۋە جەمئىيەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئاچارچىلىقنىڭ 82 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شۇ قېتىملىق ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق ۋەقەسىدە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 مىليون ئادەم ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان.

1931 - 1933 - يىللىرى ئارىسىدا كوللېكتىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئاچارچىلىق قازاقىستاندىمۇ ئېغىر دەرىجىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، قازاقىستان تارىخچىلىرى قازاقىستاندا ئىككى مىليون ئادەمنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان ئىدى. شۇ قېتىملىق ئاچارچىلىقتا يەتتىسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلاردىنمۇ كۆپ ئادەم ئۆلگەن ۋە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە باشقا خەلقلەر قوشنا ئىلى، چۆچەك رايونلىرىغا قېچىپ كېلىپ ماكانلاشقان ئىدى.

ئاچارچىلىق يەنە بېلارۇسىيە ۋە كاۋكازىيە رايونلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.