ئۈرۈمچىدە ساليوت سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كىملىكى تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى

28-دېكابىر يېڭى يىل ھارپىسىدا خوتەن قاراقاشتا يۈز بەرگەن ناھىيىلىك پارتكومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە ساليوت ياكى ئېتىلداق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن 50 دۇكاندىنلا كىملىكىنى كۆرسىتىپ ئېتىلداق سېتىۋېلىشىغا بولىدىغانلىقى، توردا ساليوت ۋە ئېتىلداق سېتىۋېلىش چەكلىنىدىغانلىقى، سېتىلغان ساليوت ۋە ئېتىلداقلارغا «شىنجاڭدا ئىشلىتىلىدۇ» دېگەن تامغا بېسىلىشى شەرت ئىكەنلىكى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «ئۈرۈمچىدە 2017-يىللىق چاغان مەزگىلىدىكى ساليوت، ئېتىلداق سودىسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى» ناملىق ئۇقتۇرۇشتىكى مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنىپ، «شەھەر ئاھالىسى بەلگىلەنگەن 50 دۇكاندىن 18-يانۋاردىن 2-ئاينىڭ 11-كۈنىگە قەدەر شەخسى كىملىكىنى تىزىملىتىش ئارقىلىق ئېتىلداق ۋە ساليوت سېتىۋالسا بولىدۇ. شىنجاڭ تەۋەسىدە سېتىلغان بارلىق ئېتىلداقلارغا بىردەك ‹شىنجاڭدا ئىشلىتىلىدۇ› دېگەن تامغا بېسىلىشى شەرت. بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرى، تاللا بازارلىرى، ئەركىن بازار ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدا ئېتىلداق سېتىش چەكلىنىدۇ، ئېتىلداق سېتىلىشقا رۇخسەت مەزگىلىدە تور ئارقىلىق مال زاكاز قىلىش، سېتىش ۋە سېتىۋېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ» دېيىلگەن.

دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل بەلگىلىمىلىرىگە قارىتا، چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن رايوندا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا «دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ خىل بەلگىلىمە، چارىلەرنى يولغا قويۇشى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.