ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى جازالاش قانۇن لايىھەسى مۇقۇللىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.12.27

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۆتكەن ھەپتە قانۇن مۇقۇللاپ، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى ئامېرىكادا جازالاشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، قانۇن لايىھەسىدە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە قارىماي، جاۋابكارلارنى سوتقا تارتىشنىڭ يولى ئېچىلغان. كېڭەش پالاتاسى بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكىي ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكادا زىيارەتتە بولۇپ، دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلىگەن كۈنى ماقۇللىغان. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، رۇسىيە بۇ يىل 2-ئايدا ئۇكرائىناغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغاندىن بېرى، ئۇكرائىنا پۇقرالىرىغا قارىتا مىڭلىغان يوشۇرۇن ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان.

«ئۇرۇش جىنايىتى قۇربانلىرى ئۈچۈن ئادالەت قانۇنى» ناملىق بۇ قانۇن لايىھەسى دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى دىك دۇربېن بىلەن جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك گراسلېي تەرىپىدىن سۇنۇلغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە دۆلەت مەجلىسىنىڭ 1990-يىلى ماقۇللىغان مەۋجۇت قانۇنىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلگەن. ئامېرىكانىڭ 1990-يىلى ماقۇللانغان قانۇنىدا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغۇچىلار ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار پەقەت ئامېرىكا پۇقراسى بولسا، ئامېرىكادا ئەرز قىلىش ياكى سوتلىنىشى بەلگىلەنگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى قانۇن لايىھەسىدە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە قارىماي، ئامېرىكادا سوتلىنىشى ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىشىغا بولىدىكەن.

يېڭى قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئۇرۇش جىنايىتىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى بىكار قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان بىرسىنى سوتلاش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش بەلگىلىسىمۇ بىكار قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئۆتكەن ھەپتە كېڭەش پالاتاسىدا مۇقۇللىنىپ بىر كۈندىن كېيىن ئاۋام پالاتاسىنىڭمۇ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەن. نۆۋەتتە، ەزكۇر قانۇن لايىھەسى پرېزىدېنت بايدېن ئىمزا قويغاندىن كېيىن رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.