ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە 208 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر توكى يوللانغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.12.29

خىتاينىڭ «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللانغان يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر توكى بۇ يىل 11-ئايغىچە 208 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن بۇ يىل 11-ئايغىچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللانغان ئومۇمىي ئېلېكتىر توكى مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقارغان توكى «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنىڭ تۆت چوڭ يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر توكى يوللاش لىنىيەسى ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىدىكى سودا-سانائەت رايونلىرىغا يوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا بەرگەن بىر خەۋىرىدە، «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» يولغا قويۇلغان 2010-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىن ئىچكىرى خىتايغا 4 لىنىيە بويىچە توشۇلغان ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ جەمئىي 701 مىليارد 995 مىليون كىلوۋاتقا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

  «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 28-دېكابىر بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ يىل 11 ئايغىچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللانغان يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر توكىنىڭ 208 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ئېلېكتىر توكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ يەنىلا كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشى، بۇ ئورۇنلاردىن قويۇپ بېرىلگەن زەھەرلىك كاربون ۋە ئىس-تۈتەكنىڭ تەسىرى مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىدا جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، 208 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر توكى 62 مىليون 980 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئاز كۆيدۈرۈلۈشى، ھاۋاغا 170 مىليون توننىدىن ئارتۇق كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ ئاز قويۇپ بېرىلىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن «يېڭى دەۋرىدىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نى ئىجرا قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى» نىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.