ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سودا سوممىسى ئارتقان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.07.18

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» 17-ئىيۇلدىكى بىر خەۋىرىدە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن بولغان تاشقى سودا ئىمپورت ۋە ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.8 ۋە %8.7 ئاشقانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قىلغان تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بولسا %23.9 ئاشقانلىقى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 220 مىليارد 630 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بولسا 72 مىليارد 820 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتىنىڭ %33 نى ئىگىلىگەن.

يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بېرىش-كېلىش كۆپىيىپ كەتكەنىدى. تېخى ئالدىنقى ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولسا، بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارا ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ ئۇچرىشىشلاردا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۆزئارا سودا ئالاقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە قىلىشقانىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: « ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ دۇنيادىكى 205 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورناتتى. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بولسا ئالدىنقى ئىككى سودا ھەمراھى بولۇپ قالدى».

خەۋەردە دېيىلىشىچە، قەشقەر، قورغاس، ئالاتاۋ ئېغىزى ۋە ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت باجدىن خالىي تۆت رايوننىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 95 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.1 ئاشقان.

چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ھەر تۈرلۈك زىيانكەشلىكىنىڭ ئېشىشى بىلەن بىرلىكتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭمۇ خىتايغا بولغان بېقىندىچىلىقىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت زىيانلىق ئاقىۋەتلىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.