ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يېڭى لىتىي زاپىسىنىڭ بايقىلىشى خىتاينى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ لىتىي زاپىسىغا ئىگە قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.01.09

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 8- يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق جايلاردا يېڭىدىن بايقالغان لىتىي (lithium) زاپىسى سايىسىدە، خىتاينىڭ ئومۇمىي لىتىي زاپىسى ئۈچ ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. نەتىجىدە خىتاي چىلىدىن قالسىلا، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ لىتىي زاپىسىغا ئىگە دۆلەتكە ئايلانغان.

خىتاي گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتىدا، خىتاينىڭ ھازىر يەر شارىدىكى ئومۇمىي لىتىي زاپىسىنىڭ %16.5 پىرسەنتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ رەقەمنىڭ ئىلگىرى ئالتە پىرسەنت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تىبەتتە يېڭىدىن بايقالغان لىتىي كانلىرى 2800 كىلومېتىرلىق بەلباغنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ بەلباغدا ئالتە يېرىم مىليون توننىدىن ئارتۇق لىتىي زاپىسى بايقالغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ زاپاسنىڭ 30 مىليون توننىغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتىكەن. بۇ بايقاش يەنە، تىبەتكە قوشنا بولغان ئۇيغۇر ئېلى ۋە چىڭخەيدىمۇ يېڭى زاپاسلارنىڭ بايقىلىش ئېھتىماللىقىنى كۈچلەندۈرگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، لىتىي يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئاچقۇچلۇق ماتېرىيال بولۇپ، ئۇ ئېلېكتىر موتورلۇق باتارېيە، ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى، خەۋەرلىشىش، داۋالاش ۋە يادرو رېئاكتورى يېقىلغۇسى ۋە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى لىتىي كانلىرى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينى تەمىنلەپ كەلگەننى ئاز دەپ، لىتىي باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشى ساھەسىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغان ئىدى.

نۆۋەتتە تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئىلىدا يېڭى لىتىي زاپاسلىرىنىڭ بايقىلىشى بىلەن بۇ رايونلاردىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.