ئۇيغۇر ئېلى داۋاملىق خىتاينىڭ «ئەڭ» لىرى بولۇپ كەلمەكتە
2025.01.20
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپلىگەن ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2024-يىلى ئىزچىل خىتاي ئۈچۈن «ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان» ساھەلەردىن بولۇپ كەلگەن.
خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان «ئەڭ» نىڭ بىرىنچىسى ئاشلىق بولۇپ، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىق 23 مىليارد كىلوگىرامدىن ئاشقان؛ ئۇيغۇر ئېلىدىن يىغىۋېلىنغان پاختا بولسا ئالتە مىليون توننىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، پۈتۈن خىتاي ئىشلەپچىقارغان پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 92 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان؛ قېزىلغان كۆمۈر 540 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇدا تۆت يىل خىتاينىڭ «ئەڭ چوڭ كۆمۈر بازىسى» بولۇپ كەلگەن؛ بېنزىن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 66 مىليون توننىدىن ئاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ «ئەڭ چوڭ بېنزىن ماكانى» بولغان.
خەۋەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر نۇقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىۋاتقان «ئون چوڭ كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش توپى» قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خام ئەشيا مەنبەسىنىڭ كەڭلىكى، بۇنىڭغا لازىملىق ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ كۆپلۈكى، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىغا لازىملىق «مۇقىملىق» ئامىلىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكى مەخسۇس تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا بۇ «ئەڭ» لەرنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان ئىقتىسادىي ئامىللار ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىن ۋە مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپلەۋاتقان بۇ تۈرلەر بىردەك غايەت زور ئادەم كۈچى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئەمەلگە ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا بىڭتۈەننىڭ سالمىقى ئالاھىدە چوڭ بولۇپ كەلگەن. بىڭتۈەن بولسا دەل ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى باش جىنايەتچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارغا كۆپ قېتىم جازا ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ «ئەڭ» لەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك قان-ياشلىرى سىڭىپ كەتكەنلىكى ئىزچىل سىر بولۇپ كەلمەكتە.