ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى
2024.04.16
16-ئاپرېل كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» (Congressional Uyghur Caucus) نىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى.
گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ساھىبخانىلىق قىلغان. ئۇنىڭغا كۆپلىگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، تەتقىقاتچىلار، لاگېر شاھىتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر قاتناشقان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەل قىلىش ۋە بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، يىغىندا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك ماككول، ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇزى ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىت قاتارلىقلار كىرىش سۆزى قىلغان.
ئۇلار سۆزلىرىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قۇرۇلغان بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بولغان نەپرەت ۋە ھوشيارلىقنى كۈچەيتىپ، 21-ئەسىردىكى بۇ ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق پاجىئەسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن قەتئىي تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم يىغىندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۇ سۆزىدە «بۇ گۇرۇپپا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكادىكى ئاساسىي ئېقىمغا كىرگەنلىكىنىڭ ھەقىقىي سىگنالى» دەپ باھالىغان. شۇنداقلا ئۇ، ئەينى چاغدا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدىكى تەلىپىگە قۇلاق سېلىپ، بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سوزى ۋە كىرىس سىمىتلارغا تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەن.
16-ئاپرېل كۈنى ئېچىلغان بۇ يىغىنغا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىنىڭ بىرى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى راجا كىرىشنامورتى، ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى مايكېل ۋالتىز، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېننىفېر ۋېكىستون خانىم، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كومىسسارى نۇرى تۈركەل، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى مۇئاۋىن رەئىسى براين جوسىف (Brian Joseph) ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار قاتناشقان ھەم سۆز قىلغان.