خىتاي دائىرىلىرى 10-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدىن 91 نەپەر كادىرنىڭ دېلوسى بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-11-26
Share

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسى مەملىكەت بويىچە كادىرلار سىستېمىسىنى تازىلاشنى ۋە تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا «مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» گە خىلاپلىق قىلغان دېگەن باھانە بىلەن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا بولغان نازارەت ۋە تازىلاشنى مىسلىسىز دەرىجىدە كېڭەيتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورى، «خەلق تورى» ھەمدە «بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۈگۈن تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 10-ئاي بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا «مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان» دېگەن جىنايەت بىلەن جەمئىي 91 نەپەر ئەمەلدارنىڭ دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلغان. خەۋەردە گەرچە بىر تەرەپ قىلىنغان بۇ 91 نەپەر كادىرنىڭ مىللەت تەۋەلىكى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت كادىرلىرى ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. خەۋەردە يەنە بىر تەرەپ قىلىنغان ئەمەلدارلار ئىچىدە 2 نەپىرىنىڭ نازارەت دەرىجىلىك، 5 نەپىرىنىڭ ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك، قالغانلىرىنىڭ يېزا ۋە بۆلۈم دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەپتە بەرگەن خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق ۋە يېزا نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇنجان ئەلىنىڭ «تەكشۈرۈش» كە ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا «دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان» ياكى «بىر تەرەپ قىلىنغان» ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سىياسىي سەۋەبلەردىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بولسا «پارىخورلۇق» ياكى «چىرىكلىك» سەۋەبىدىن بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىل 10-ئايدا، يەنى قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىن 91 نەپەر ئەمەلدارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يوقۇرى بېسىملىق سىياسىتى ۋە تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ قايسىي دەرىجىگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت