خىتاي باتارېيە شىركىتى CATL ئۇيغۇر ئېلىدە مال تەمىنلىگۈچىسى بارلىقىنى رەت قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.11.26

خىتاينىڭ دۇنياغا داڭلىق ئاپتوموبىل باتارېيەسى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى (CATL) «نىڭدې زامان» شىركىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك ئالاھىدە رىقابەت كومىتېتى رەئىسى جون مولېنارنىڭ سۆزىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مال تەمىنلىگۈچىسى بارلىقىنى رەت قىلغان. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 22-نويابىر جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىشى سەۋەبلىك يېمەكلىك، مېتاللورگىيە ۋە باشقا ساھەلەردىكى 29 شىركىتىنى چەكلىگەن. جون مولىنار 22-نويابىر كۈنى بۇ 30 شىركەتنىڭ ئىچىدىكى «شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى» بىلەن «شىنجاڭ جوڭخې ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» دىن ئىبارەت ئىككى كارخانا «نىڭدې زامان» شىركىتىنىڭ مال تەمىنلىگۈچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

 رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «نىڭدې زامان» شىركىتى 26-نويابىر جون مولېنارغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى شىركەت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنى يوقلۇقى، شۇنىڭدەك «شىنجاڭ رايونىدا ھېچقانداق مال تەمىنلىگۈچىسى قالمىغانلىقىنى» نى ئېيتقان.

ھالبۇكى، «نىڭدې زامان» شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مال تەمىنلىگۈچىسى بارلىقىنى رەت قىلسىمۇ، ئەمما «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مالىيە كومىتېتى بىلەن خىتاي ئىستراتېگىيەلىك ئالاھىدە رىقابەت كومىتېتى فورد شىركىتىنىڭ «نىڭدې زامان» بىلەن ئىمزالىغان باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق تۈرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، فورد بىلەن «نىڭدې زامان» ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا ھەمكارلىق تۈرى كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، «نىڭدې زامان» ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ جىسۈن لىتېي سانائەت چەكلىك شىركىتى» دىكى ھەسسىدارلىق پېيىنى ساتقان بولسىمۇ، ئەمما «نىڭدې زامان» نىڭ ھەسسىدارلىق پېيىنى سېتىۋالغان شىركەتتىمۇ پېيى بارلىقى، «نىڭدې زامان» نىڭ بىر دىرېكتورىنىڭ بۇ شىركەتتە رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ھالبۇكى، «نىڭدې زامان» مولېنارغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق بازار ئىگىلىكىنىڭ «قانۇن-قائىدىلىرىگە قاتتىق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.