«شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» ئىراندا تەشۋىقات ئېلىپ باردى
2018.05.16
خىتاي خەۋەر تورى، خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىرانغا يېتىپ بېرىپ پائالىيىتىنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خىتاي-چەتئەل دوستلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شۈ گۇيشاڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە قاراتقان مەخسۇس زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى مىسىردىن باشلانغان ئىدى.
«شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نامىدىكى بۇ خىتاي ئۆمىكى 14-ماي ئىراندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىدا مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتى ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.
«شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نىڭ ئۆمەك باشلىقى شۈ گۇيشاڭ مۇخبىرلارغا، «جۇڭگو دىنىي ئەركىنلىكنى تەرغىب قىلىدىغان قانۇنلۇق دۆلەت، قانۇلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرىدۇ» دەپ خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشلىرىنى، دىنىي سىياسەتلىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. ئۇ يەنە بىر قىسىم «چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتىدۇ دېگەن سەپسەتىلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس»، دەپ بىلدۈرگەن.
«شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان ئەللىرىگە قاراتقان بۇ زىيارىتىدا ھازىرغىچە مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بىر پائالىيەتكە قاتناشقانلىقى مەلۇم ئەمەس.
شۈ گۇيشاڭ بۇنىڭ ئالدىدا مىسىردىكى پائالىيىتىدىمۇ ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ھەقلىق كۆرسىتىپ، «شىنجاڭدا تېررورىزم ۋە رادىكالىزمنىڭ تەسىرى جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇ خىل ئىدېئولوگىيە ئاساسىنى تۈگىتىشتە چوقۇم قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش زۆرۈر» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى، دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى، خىتاينىڭ مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى جازالىشى مەسىلىلىرى سەۋەبلىك ئۆزىگە كېلىۋاتقان تەنقىدلەرگە قارشى «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» تەشكىللەپ، خىتاي بىلەن زور سودا ھەمكارلىقى بار مىسىر، ئىران ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىدە، ئۆزىنى ئاقلاش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى.
«شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نىڭ مىسىر ۋە ئىراندىن باشقا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارىدىغانلىقى مەلۇم.