27-ماي كۈنى «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىن 1 قارشى 413 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق سۆيۈندۈردى. بۇ خەۋەر ئامېرىكادىكى شۇنداقلا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ، كەڭ خەۋەر قىلىندى.
CNN تېلېۋىزىيەسى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ، ئۇنى پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۈستىلىگە قويغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
نۆۋەتتە ئامېرىكادىكى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ياقىلىغۇچى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى تېزرەك ئىمزالىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ۋە شۇ ھەقتە چاقىرىق قىلماقتا.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار تىۋىتتېردا مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئەمدى قانۇننىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن پرېزىدېنت ترامپنىڭ قول قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.
ئامېرىكادىكى چوڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن بولغان «ھەممىگە ئادالەت» فوندىنىڭ رەئىسى ئابدۇل مالىك مۇجاھىد ئەپەندىمۇ ئاقسارايغا تىۋىتتېر ئارقىلىق چاقىرىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى بالدۇرراق ئىمزالاشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن بۇ قانۇن لايىھەسى ئاخىرقى قەدەمدە پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن ماقۇللاشتىكى خىزمەت تەرتىپى بويىچە پرېزىدېنت 10 كۈن ئىچىدە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك، شۇندىلا بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇن سۈپىتىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.