ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق كىشىلەرگە قارىتىلغان جازانى كېڭەيتىش مەقسىتىدە يېڭى بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) ۋە بوب مېنېندېز (Bob Menendez) نۆۋەتتىكى مەۋجۇت قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا ۋە مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىق شەخسلەر جازالانغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ھېلىھەم ئامېرىكانىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا كىرەلەيدىغانلىقىدەك ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ بىر يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
سېناتور ماركو رۇبىيونىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا «قۇل ئەمگىكى قوللىغۇچىلىرىنى جازالاش قانۇنى» (Sanctioning Supporters of Slave Labor Act) دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمغا چېتىلغانلارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇ، جازالانغانلار بىلەن سودا قىلىۋاتقان ۋە ياردەم قىلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرىنى جازالاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتا نۇسخىسىنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكىس تونۇشتۇرغان.
ماركو رۇبىيو ئەپەندى باياناتىدا مۇنداق دېگەن:
«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان باستۇرۇشىنىڭ قورقۇنچلۇق تەپسىلاتلىرى ئىنتايىن تولۇق ئىسپاتلانغان. بۇ جىنايەتلەردە پەقەت بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بولغانلارنى جازالاشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ ئوخشاشلا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. بۇ رەزىل قىلمىشلارغا يول قويغان ھەرقانداق شەخسنىڭ ئامېرىكانىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىن نەپ ئېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك».
كېڭەش پالاتا ئەزاسى مېنېندېز مۇنداق دېگەن:
«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پەسكەشلەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنى بۇزۇۋاتقانلىقىدا شۈبھە يوق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىدىكى (Uyghur Human Rights Policy Act) بەلگىلەنگەن جازالار ۋە بۇ قانۇن بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن ئىش كۆرۈشى، ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك».
كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ماركو رۇبىيو ۋە بوب مېنېندېز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويغۇچىلىرى بولۇپ، بۇ قانۇن ئۇيغۇرلارغا ئائىت تۇنجى ماقۇللانغان قانۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.