«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.12.01
uyghur-siyasiti-qanun-layihesi-awaz.jfif ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئاۋاز نەتىجىسى، 2022-يىلى 1-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
c.span

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىدىن «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» 1-دېكابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن 17 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق يوقۇرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

بۇ قانۇن لايىھەسىنى 2022-يىلى 7-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio)، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ياڭ كىم (Young Kim) ۋە ئامى بېرا (Ami Bera) قاتارلىقلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرغان؛ شۇنىڭدەك بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق خىتاي كومۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان تۈرلۈك زىيانكەشلىكلىرىنى چەكلەش ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش نىشان قىلىنغان. شۇ قېتىملىق تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ماركو رۇبىيو ئەپەندى: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى قەبىھ يوسۇندا داۋام قىلدۇرىۋاتقاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قاباھەتلەرگە سۈكۈت قىلسا بولمايدۇ. شۇڭا مەن دۆلەت مەجلىسىدىكى بارلىق خىزمەتداشلىرىمنى بۇ قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاشقا ئاۋاز بېرىشكە دەۋەت قىلىمەن» دېگەن ئىدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىش 1-دېكابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنىڭ ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخىمۇ ئەمەلىي ھەركەتلەردە بولۇشى لازىملىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاشنىڭ بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم قەدەم ھېساپلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى ۋە قىرغىنچىلىقلىرى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقۇللانغان ئىلگىرىكى قانۇنلاردىنمۇ كۈچلۈك يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.