ئۇيغۇر رايونىنىڭ نېفىتلىكلىرى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرىگە باھا تالاشتۇرۇپ سېتىلغان

خىتاينىڭ «ئاممىۋى بايلىق سودا تورى» غا چىقىرىلغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى بىرلىشىپ، تارىم ئويمانلىقى لوپنۇر نېفىتلىكى قاتارلىق 4 نېفىتلىك ۋە تەبىئىي گاز رايونىنى چارلاپ بايلىق قېزىش ھوقۇقىنى خىتاينىڭ چوڭ شىركەتلىرىگە باھا تالاشتۇرۇپ ساتقان.

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 16-ئىيۇل كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، باھا تالاشتۇرۇپ سېتىلغان تارىم ئويمانلىقى لوپنور نېفىتلىكىدىكى 3 رايون ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى بىر رايونغا قويۇلغان باھا 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان. باھا قويغان شىركەتلەرنىڭ بىرسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا، قالغان ئىككىسى پۇقراۋى كارخانا بولۇپ، تارىم ئويمانلىقى لوپنور نېفىتلىكىدىكى ئىككى كان بايلىقى رايونى خىتاي نېفىت-خىمىيە شىركىتى گۇرۇھىغا سېتىلغان؛ لوپنور نېفىتلىكى ئۈچىنچى كان بايلىقى رايونى بىلەن جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى 1 كان بايلىقى رايونى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شېنجېندىكى ئىككى چوڭ كان بايلىقى شىركىتىگە سېتىلغان.

بۇ خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى كان بايلىقلىرىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش، بۇ رايوندىكى بايلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ مالىيە كۈچى بىلەن قېزىش، شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە «شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى مەقسەت قىلغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسى، تەبىئىي جۇغراپىيە پەنلىرى دوكتورى گۈلمىرە بەرداش خانىم ئۇيغۇر كان بايلىقلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىشى ھەققىدە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە: «بىزنىڭ كان بايلىقلىرىمىز خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم، خىتاي بايلىقلىرىمىزنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا. بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىققا يول ئاچىدۇ» دېگەنىدى.